خىتاي رابىيە قادىرنىڭ "ئەقىدە شىركىتى" دىكى ئىككى خادىمنى قويۇپ بەردى
2005.12.15
خىتاي ھۆكۈمىتى 14 -دېكابىر كۈنى ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىرنىڭ "ئەقىدە شىركىتى" دىكى ئىككى نەپەر خادىمنى قويۇپ بەردى.
رابىيە خانىمنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرىشىچە، "ئەقىدە شىركىتى" نىڭ كاتىپى روزى مەمەت ۋە ياردەمچىسى ئايشەمگۈل كېرىم تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندە ئۇلاردا چوڭ جىسمانىي ئۆزگىرىش بولغان. رابىيە خانىم سۆزىدە "ھەر ئىككىلىسى ئىسكىلىتتەك ئورۇقلاپ كېتىپتۇ. ھەمدە چېچى تېقىمىغا يېتىدىغان ئايشەمگۈلنىڭ چاچلىرىنى خۇددى قوينىڭ دۈمبىسىنى قىرقىغاندەك قىرقىپ، خۇددى ئەرۋاھلارغىلا ئوخشىتىپ قويۇپتۇ" دېدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ھەققىدە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. خىتاي دائىرىلىرى 11- ماي كۈنى يەنى، رابىيە خانىم قويۇپ بېرىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى "ئەقىدە شىركىتى"گە بۆسۈپ كىرىپ، روزى مەمەت بىلەن ئايشەمگۈلنى سەۋەبسىزلا تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە شىركەتنىڭ بىر قىسىم ھۆججەتلىرىنىمۇ قوشۇپ ئېلىپ كەتكەن ئىدى.
رابىيە خانىم، بۇ ئىككىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسىنى ئىلگىرى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا پارلامېنتى ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى قاتارلىق ئورۇنلارغا يەتكۈزگەن ھەمدە ئۇلاردىن بۇ ھەقتە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە خانىم بۇ ئورۇنلارغا ۋە پرېزىدېنت بۇشقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رابىيە قادىر سودا سارىيىنىڭ ئىككى نەپەر خادىمى، خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى
- ئاتاقلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر كوفىي ئاننانغا ئوچۇق خەت يازدى
- ئەينەك ژورنىلى: خىتايغا قارشى ئاتلانغان "بۇرژۇئا ئىنقىلابچىسى"
- رابىيە قادىر گوللاندىيىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
- رابىيە قادىر ياۋروپادىكى 7 دۆلەتنى زىيارەت قىلىش سەپىرىنى باشلىدى