خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاندىن پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان
2006.08.29
پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ پاكىستاندىكى ئەلچىخانىسى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىدىن پاكىستاندا ئۆمۈر ھەجگە بېرىشنى كۈتۈپ ياتقان 2 مىڭدەك ئۇيغۇرغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.
پاكىستان ئارقىلىق ھەجگە ماڭغان بىرەر مىڭدەك ئۇيغۇر سەيشەنبە كۈنى پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا جىم ئولتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەلچىخانىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا "ئەگەر جوڭگو ئەلچىخانىسى بۇ كىشىلەرگە ۋىزا بېرىڭلار دېسە، بىز ۋىزا بېرىشكە تەييار،" دەپ تەكىتلىگەن. لېكىن ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەئۇدى ھۆكۈمىتىدىن نىمە ئۈچۈن بۇ ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بەرمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، پاكىستاندىكى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ۋىزا ئېلىشىغا توغرا كېلىدىكەن. لېكىن ئۇيغۇرلار ئەرەبىستان ۋىزىسىنى خىتايدىن ئېلىپ ماڭسا، ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى چېگرىدىن چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستاندىكى سەئۇدى ئەرەبىستان ئەلچىخانىسىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىمى، پاكىستان ئارقىلىق ھەجگە بارماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىش، پادىشاھ ئابدۇللا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا سەئۇدى ھۆكۈمىتى بىلەن بېيجىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىملەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ تەكىتلىگەن. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي پاكىستان بىلەن بولغان 3 خىل كۈچلەرگە ئورتاق زەربە بېرىش ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
- ئۆمۈر ھەجگە ماڭغان ئۇيغۇر بوۋاينى پاكىستاندا ئوغرىلار پۇلسىز قويدى
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكتىگە قارشى خەلقئارا جامائەتنى ياردەمگە چاقىردى
- قەشقەردىن پاكىستانغا ئاپتوبۇس قاتنىشى يولغا قويۇلماقچى
- خىتاي پاكىستاندا "جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيەت ھەپتىلىكى" ئۆتكۈزمەكتە