بېيجىڭدا باستۇرۇلغان ئەرزىيەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ 60 مىليون يۈەن پۇلى توڭلۇتۇلغان


2007.06.01

بېيجىڭغا داۋا قىلىپ بارغاندا خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن باستۇرۇلغان 100 دىن ئارتۇق ئەرزىيەتچى ئۇيغۇرنىڭ 60 مىليون يۈەن پۇلى يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن توڭلۇتۇلغاندىن كېيىن، بېيجىڭغا ئەرز قىلىپ بارغانلىقى مەلۇم بولدى. ۋەقەدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئۇيغۇرلار جياڭشىنىڭ گۇيگاڭ شەھىرىدىكى بىر شىركەت نامىدىن شاخلىتىپ سېتىشقا ئادەم چاقىرىپ، مەبلەغ سالغۇچىلاردىن 60 مىليون يۈەن توپلىغاندا، بۇ سودا يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن قانۇنسىز، دەپ ئېلان قىلىنغان ۋە پۈتۈن ئىقتىسادى توڭلىتىلغان.

بۇ ئەھۋالدا ئەرزىيەتچى ئۇيغۇرلار بېيجىڭغا داۋا قىلىپ بارغان ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ بۇ ئىشقا ئارلىشىشىنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالغاندا باستۇرۇلدى. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى گۇۋاھچىلارنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، ساقچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئەرزىيەتچىلەر ئارىسىدا چىققان توقۇنۇشتا ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇشى مۈمكىن.

بەزى گۇۋاھچىلار ساقچىلارنىڭ مىلتىق نەيزىسىنى ئۇيغۇر ئەرزىيەتچىلەرگە سانجىغانلىقىنى بىلدۈردى. لېكىن دائىرىلەر ئەرزىيەتچى ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى قەتئى كونترول قىلىۋاتىدۇ. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ توقۇنۇشتىن قېچىپ چىققان ئاز ساندىكى بەزى ئۇيغۇرلارنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى، قېچىپ چىقالمىغان كۆپچىلىك ئۇيغۇرلارنى بولسا ماجيالۇدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇ ۋەقە خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى بېيجىڭدا تيەنئەنمېن ۋەقەسىنىڭ 4 - ئىيۇن خاتىرە كۈنى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرىدىغان نازۇك بىر مەزگىلگە توغرا كەلدى.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.