دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن دالاي لاما بىلەن ئۇچراشتى
2005.06.20
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رە ئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، تىبەتلىكلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىسى دالاي لاما بىلەن ئۇچراشتى.
6 - ئاينىڭ -16 كۈنى قىسقىچە دەپ ئاتالغان خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتىنىڭ گېرمانىيىنىڭ پايتەختى بېرلىندە ئۇيۇشتۇرغان " ھەقىقىي يورۇقلۇق " ناملىق مۇكاپات تارقىتىش يىغىنىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رە ئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن، تىبەتلەرنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي داھىيسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىدار مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان.
بېرلىندىكى شىللەر تياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنغا، دالاي لاما، گېرمانىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 500 گە يېقىن كىشى قاتناشقان.
بۇ يىلقى "ھەقىقىي يورۇقلۇق" مۇكاپاتى چېخ جۇمھۇرىيتىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى ۋاسلاۋ ھاۋەل، سابىق گېرمانىيە سودا مىنىستىرى گراف لامسدورف ۋە كېيىنكى 30 يىلدىن بېرى تىبەتلىك تۇل- يېتىم ۋە ياشانغان كىشلەرگە ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان گېرمان ۋاگنەرلەرگە بېرىلدى.
"ھەقىقى يورۇقلۇق" مۇكاپاتى، تىبەت داۋاسىغا خىزمەت قىلغان كىشىلەرگە بېرىلمەكتە. ھازىرغىچە، ئامېرىكىلىق كىنو ئارتىستى رىچارد گېر، سابىق فرانىسيە پرزېدېنتىنىڭ ئايالى دانىيال مىتەراند ۋە ئامېرىكا ساناتورى كىلىبورن پەل بۇ مۇكاپاتنى ئىلىشقا مۇيەسسەر بولغان. (قانات)