خىتاي زىيالىيلىرى ھۆكۈمەتكە خەت يېزىپ خۇ جيانى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلدى


2008.01.07

بىر بۆلەك خىتاي زىيالىيلىرى خىتايدىكى ئەيدىز پائالىيەتچىسىنىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئۇنىڭ ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يازدى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىكتىن بۇرۇن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئوچۇق خەتكە ئادۋوكات، ئاكادېمىك ئالىملار، مۇھەررىرلەر، يازغۇچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولۇپ 57 ئادەم ئىمزا قويغان بولۇپ، خەتتە ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جىيانىڭ قولغا ئېلىنىشى ۋە ئاغدۇرمىچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشىنى " قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ" دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئىش پائالىيىتىنىڭ، ئەكسىچە خىتاي ئاساسىي قانۇنىدا قوغدىلىشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن.

خەتكە ئىمزا قويغۇچىلار ھۆكۈمەتنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىناق جەمئىيەتكە يول ئىچىپ ئولىمپىكنىڭ خىتايغا ھەقىقىي بېرىلگەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەتتە يەنە، ھازىر تۈرمىدە جىگەر كېسىلىنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان خىتاي ئەيدىز پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر خەت خىتاي كىشىلىك ھوقوق ھىمايىچىسى تەشكىلاتى تەرىپىدىن مۇخبىرلارغا ئەۋەتىپ بېرىلگەن.

ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتى پرېزىدېنتى خانس گېرت پوتتېرىڭ بېيجىڭ دائىرىلىرىنى خۇ جيانى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىپ، ئولىمپىكنىڭ خىتاي ئۈچۈن، دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەتلەيدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىر پۇرسەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۆتكەن يىلى خۇ جيا ۋە ئۇنىڭ ئايالى زېن جىنيەن چەتئەلدە ئېچىلىدىغان بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يولغا چىققاندا، دۆلەت مەخپىيەتلىكىگە تەھدىت سېلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ چېگرىدا توسۇۋېلىنغان بولۇپ، شۇندىن ئېتىبارەن تۈرمىدە ياتماقتا. (جۈمە‏)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.