خىتاي ئۇيغۇر يېزىلىرىدىن ھەر يىلى 300 مىڭ كىشىنى يۆتكىمەكچى


2007.12.24

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،12- دېكابىر ئاخىرلاشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 7- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5 - ئومۇمىي يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئىككى ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاست تەۋەسىدىكى يېزىلاردا 1مىليون 300 مىڭ دېھقان‏ - چارۋىچىغا تېخنىكا تەربىيىسى ئېلىپ بېرىپ "بىر ئائىلىدىن بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش" سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەنگەن.

تەڭرىتاغ تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە "11- بەش يىللىق" پىلاننىڭ كېيىنكى مەزگىلدە ئۇيغۇر يېزىلىرىدا "ھەر يىلى ئىزچىل ھالدا 300 مىڭ كىشىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ ، يىلىغا تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپرەك كىشىنى ئەمگەك - مۇلازىمەت ئارقىلىق كىرىم قىلىشقا" قاتناشتۇرۇشنى پىلان قىلغان.

بۇ خىلدىكى قارار، 2006- يىلى 7- نويابىر ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 33- قېتىملىق يىغىنىدا ئېلىنغان بولۇپ يېزىلاردىكى 1 مىليون 550 مىڭ ئەمگەك كۈچىنى يۆتكەش بېكىتىلگەن ئىدى.

مۇشۇ قارارنىڭ روھىغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئۇيغۇر ئىلى يەرلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرى 2006- يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، يېزىلاردىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن، ئۇيغۇرلىرىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا ‏- قىشلاقلاردىن مىڭلاپ ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، بۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن بىئارام قىلغان ئىدى.

نامىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش سىياسىتىنىڭ قايتا تىلغا ئېلىنىشى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە تۈركۈملەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى باشقا جايلارغا ياكى خىتاي ئۆلكىلىرىگە مەجبۇرىي يۆتكەش ئىشلىرىنى سىياسىي دەستەك بىلەن تەمىنلەپ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياكى باشقا ياقا يۇرتلاردا سەرسان بولۇشىغا سەۋەب بولىدىكەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.