ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتايغا يۆتكەش سىياسىتى ئىزچىل داۋاملاشماقتا


خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە، خېجىڭ ناھىيىسىدە ئېشىنچا ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىش تېپىش مەسىلىسىنىڭ ۋاقتىنچە ھەل قىلىنغانلىقى مەدھىيىلەنگەندىن سىرت، كەنت كادىرلىرىنىڭ تۈرتكە بولۇشى نەتىجىسىدە ئىش ئورنىغا تىزىملاتقانلار سانىنىڭ 700 دىن ئاشقانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

گەرچە ھۆكۈمەت ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى ئىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىنىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنىڭ ئاشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان چەتئەللەردىكى تەشكىلاتلار، ياش قىز ۋە چوكانلارنى ئاساسىي ئەمگەك كۈچى قىلغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆز مەدەنىيىتى ۋە يۇرتلىرىدىن ئايرىپ، خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ، ئۇيغۇرلارغا ياخشى ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىمەكتە.

يەنە بىر قىسىم سىياسىي ئۆكتىچىلەر بۇ خىل سىياسىي تۈزۈمنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org