ئۇيغۇر ئېلى كۆكتات ئېكىسپورتىدا ئالدىنقى ئورۇندا سانالماقتا

ئۇيغۇر ئېلى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدىلا 206 مىڭ توننا ھەر خىل كۆكتاتلارنى ئېكىسپورت قىلىپ، خىتاي بويىچە تۆتىنچى چوڭ كۆكتات ئېكىسپورت قىلىدىغان رايون بولۇپ سانالغان.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى پارنىكلارنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 13 يېرىم مىڭ گېكتارغا يەتكەن بولۇپ، يىلىغا بىر مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆكتات ئىشلەپچىقىرالايدىكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلى بولۇپمۇ پەمىدۇر ئىشلەپچىقىرىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىكەن. خىتاي دۇنيادىكى ئۈچۈنچى چوڭ پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەت بولسا، خىتايدىكى پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنىڭ٪ 90 ئى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىدىكەن. (ئارزۇ)