ئۇيغۇر ئىلى كەلگۈسى 5 يىلدا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىدىغان مەركەزلىك رايون بولۇپ قالامدۇ ؟


2007.07.27

ئامېرىكا ئىستىراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى CSIS خىتايدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، كەلگۈسى 5 يىلدا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى ئىككى رايونغا مەركەزلىشىدىغانلىقىنى ۋە تېز تارقىلىدىغانلىقىنى، بۇ رايونلارنىڭ بىرى خىتاينىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي جەنۇبىدىكى يۈننەن، گۇاڭشى، گۇاڭدۇڭ، خۇنەن، سىچۈەن ۋە خەينەنلەر بولسا، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئاساسلىقى يەرلىك مىللەتكە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ ۋىرۇس پاھىشىلەر ۋە تېخىمۇ كۆپ ئاۋام پۇقرالارغا تارقىلىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، قەشقەردە ھامىلدار ئاياللارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 3.5 پىرسەنتكە يېتىپ بارغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تۇرپان رايونىدا پاھىشىلەرنىڭ 3.4 پىرسەنتى ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ ئىلى رايونىدا 3.3 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى يازدى.

دوكلاتتا يەنە، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى خىتاي بۇيىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى 650 مىڭ، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتىكى سان بۇنىڭ كۆپ بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ۋە 2012 ‏- يىلىغا بارغاندا 1 يېرىم مىليوندىن 2 يېرىم مىليونغىچە كىشى بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دوكلاتتا ئەسكەرتىشىچە، سەھىيە دائىرىلىرى بىلەن ج خ دائىرىلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر ۋە پاھىشىلەر ئارىسىدا تارقىلىشتىن ساقلىنىش تەدبىرى ئېلىشىغا توسالغۇ بولماقتا ئىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.