خاتا دىئاگنوز بىر ئۇيغۇر بوۋاققا قاتىل بولدى


2007.10.25

شىنخۇا تورىنىڭ 24- ئۆكتەبىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ليۇداۋان دوختۇرخانىسى 33 ياشلىق ئىسمى ئا بىلەن باشلىنىدىغان بىر ھامىلدار ئايالغا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە خاتا دىئاگنوز قويۇپ، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى بەش ئايلىق تۆرەلمىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان. بۇ ئايال كېيىن باشقا دوختۇرخانىدا قايتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ H I V بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر دوختۇرخانا ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلىپ، خاتا دىئاگنوزنىڭ بالىسىغا قاتىللىق قىلغانلىقى ھەم بۇ جەرياندا ئېغىر جىسمانىي ھەم روھىي ئازاب تارتقانلىقىنىڭ بەدىلىنى تۆلەشنى تەلەپ قىلغان. يېرىم يىلچە داۋاملاشقان ئەرزنىڭ نەتىجىسىدە، سوتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن بۇ دوختۇرخانا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا 74 مىڭ 880 يۈەن تۆلەم تۆلىگەن.

گەرچە خەۋەردە بۇ خاتا دىئاگنوز تۈپەيلى ئېغىر بەدەل تۆلىگەن بۇ ئايالنىڭ تولۇق ئىسمى بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ليۇداۋان دوختۇرخانىسىدىن ئىگىلىشىمىزچە،بۇ ئايال 33 ياش ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئايال ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئايال2006 - يىلى 10- ئايدا ھامىلدار بولۇپ ئائىلىسى زور خوشاللىققا چۆمگەن. كۈتۈلمىگەن يەردىن ئۇ بالا بەش ئايلىق بولغاندا، يەنى بۇ يىل 3- ئايدا ليۇ داۋان دوختۇرخانىسىدا ئېلىپ بېرىلغان قان تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ H I V ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ھەققىدە دىئاگنوز قويۇلغان. ھەمدە دوختۇرخانا ئۇنىڭ بالىسىنىڭ بىنورمال تۇغۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ دەرھال بالىنى چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان.

شۇنىڭدىن كېيىن ئېغىر جىسمانىي ھەم روھىي ئازابقا دۇچار بولغان بۇ بەختسىز ئايال، ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قېلىشىغا قايىل بولماي، ئاخىرى شىنجاڭ مېدىتسىنا ئۇنىۋېرسىتېتى بىرىنچى دوختۇرخانىسى ھەمدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى قاتارلىق بىر قانچە چوڭ دوختۇرخانىلاردا قايتا تەكشۈرتكەندە،ئۆزىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانمىغانلىقى ئېنىقلانغان. قايتىدىن غەيرەتكە كەلگەن بۇ ئۇيغۇر ئايال ئاخىرى خاتا دىئاگنوز ئارقىلىق تارتقان ئازابلىرىنىڭ تۆلىمىنى تۆلىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەسلى ئۇ بۇ دوختۇرخانىدىن ئىككى يۈز مىڭ يۇەن تۆلەم تەلەپ قىلغان ئىكەن.

ئەيدىز مۇتەخەسسىسلىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خاتا دىئاگنوزلارنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان بىھۇدە ئازابلىرىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆزىدىن گۇمانلانغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ، بىرەر كىچىك ئامبۇلاتورىيە ۋە ياكى دوختۇرخانىنىڭ ئۆزى ئۈستىدىن چىقارغان بىردىن ‏-بىر دىئاگنوزى ئارقىلىقلا داۋالىنىش ياكى باشقا تەدبىر قوللىنىشتىن بۇرۇن يەنە، باشقا چوڭ دوختۇرخانا ياكى دىئاگنوز قويۇش سەۋىيىسى بىر قەدەر يۇقىرى ئورۇنلاردا قايتا تەكشۈرتۈش ئارقىلىق توغرا دىئاگنوزغا ئېرىشىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.