ئۇيغۇر ئېلى يەرلىك خەۋەر تورلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇنجى قېتىم دېھقانلارنىمۇ ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ پىلان بۇيىچە كېلەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە مەخسۇس دېھقانلار مەكتەپلىرى تەسىس قىلىنىپ،دەسلەپكى قەدەمدە جەمئىي ئىككى يۈز مىڭ دېھقانغا مەخسۇس ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش توغرىسىدا ساۋات بېرىلىدىكەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە نازارىتى مۇئاۋىن نازىرى جاڭ يۇڭنىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل 9 - ئايغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە مەلۇم بولغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى 20 مىڭدىن ئاشقان. مۆلچەرلىنىشىچە ئەمەلىي يۇقۇم ئەھۋالى 60 مىڭدىن ئاشىدىكەن. شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى خىتاي بۇيىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئەيدىز ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا، دېھقانلار ئارىسىدا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تېز ھەم جىددىي بولۇۋاتقان بولۇپ، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇش ھەمدە تازىلىق شارائىتىنىڭ ناچار بولۇشىدىن باشقا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش جەھەتتە ھېچقانداق بىلىمگە ئىگە بولماسلىقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىزنىڭ يېزىلاردىمۇ شىددەت بىلەن يامرىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەب بولماقتا.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 1995 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇنجى ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقىلىپ 12 يىل جەريانىدا، ئەيدىز ئۇيغۇر دىيارىدىكى 15 ئوبلاست ۋە ۋىلايەت ھەمدە 90 دىن ئارتۇق ناھىيە - يېزىلارغىچە تارالغان.
نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقان ئاممىسىغا ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىش، ئەڭ تەقەززالىق مەسىلە بولماقتا. (گۈلچېھرە)