ئۈرۈمچى ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى جەھەتتە ئۇيغۇر ئىلى بويىچە ئالدىنقى شەھەر بولۇپ قالدى


2007.08.24

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئالدىنقى كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى جەھەتتە ئىلى ۋىلايىتىدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 1- ئورۇنغا چىققان. دائىرىلەر يەنە، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقتۇرۇۋالغۇچىلارنىڭ %70 ئۈرۈمچىگە مەركەزلەشكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

لېكىن دائىرىلەر ئۈرۈمچىدە زادى قانچىلىك كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدا يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلمىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئالدىنقى كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، زەھەرلىك چېكىملىك ئەھۋالىنىڭ ئۈرۈمچىدە بارغانسىرى ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ سېلىش ئۇسۇلى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم قاناللارنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتمەكتە.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش ئەترىتىنىڭ سىياسى كومىسسارى جېن جىڭنىڭ، ئۈرۈمچىدە زەھەرلىك چېكىملىككە مۇناسىۋەتلىك جىنايى ھەرىكەتلەرنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكىدىكى مەشھۇر تەتقىقات ئورگانلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىستىراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدا، ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇيغۇر ئىلىدا بۇنىڭدىن كېيىنكى 5 يىل ئىچىدە ئۈزلىكسىز كېڭىيىدىغانلىقىنى، قەشقەردە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارنىڭ %5 تىن ئاشقانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ غۇلجىدا %3، تۇرپاندا %4دىن ئاشىدىغانلىقىنى ۋە ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى رايوندىكى يەرلىك مىللەتلەردە تارقىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، قارىمايدا بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا بايقالغان 13 نەپەر ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ 11 نەپىرىنى ئۇيغۇرلار ئىگەللىگەن. ئامېرىكا ئىستىراتېگىيە ۋە خەلقئارا تەتقىقات مەركىزى، خىتاي سەھىيە ۋە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى ئەيدىز كېسىلىنى چەكلەش مەسىلىسىدە ئۆز ئارا ياخشى ماسلاشمايۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.