بېيجىڭ دائىرىلىرى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى يەنە ئەيىپلىدى


2005.08.30

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، يېقىندا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دىموكراتىيە ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىرنى تېرورچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈردى، دەپ ئەيىپلىگەندىن كېيىن، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلدى.

جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى تېرورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى جاۋ يوڭچىڭ، " جوڭگو تېرورىزىمنىڭ ئەمىلىي ۋە يوشۇرۇن تەھدىتىگە دۇچ كەلگەن دۆلەت. بۇ تەھدىت كۆپ ھاللاردا مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقىي تۈركىستان تېرورلۇق كۈچلىرىدىن كەلمەكتە،" دەپ تەكىتلىگەن.

ئەمما خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا خىتاينىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلماقتا.

جاۋ يوڭچىڭنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ تېررورىزمغا قارشى ھەرىكىتىنى تىزلىتىدىكەن. جاۋ يوڭچىڭ، خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان 13 تۈرلۈك خەلقئارا كېلىشىمنىڭ 10 غا ئىمزا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما مۇتەخەسسىسلەر، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېرورىزىمنى چۈشۈنىشى بىلەن خىتاينىڭ تېررورىزمغا بەرگەن تەدبىرى ئوتتۇرىسىدا زور پەرقلەر بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.