خىتاي شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە، دەپ ئەيىپلىدى
2006.07.18
خىتايدا چىقىدىغان "خەلقئارا ئاۋانگارد يىتەكچىلەر" گېزىتى، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىنى خەلقئارا زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن تىل بىرىكتۈرمەكتە، دەپ ئەيىپلىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى "ئالتۇن ھىلالئاي" رايونىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى بىلەن باغلىماقچى، دەپ ئەيىپلىگەن. "خەلقئارا ئاۋانگارت يىتەكچىلەر" گېزىت بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئافغانىستاننىڭ ئالتۇن ھىلالئاي رايونىدىن زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكەيدىغان گۇرۇھلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، تاپقان پۇلىغا قورال - ياراق سېتىۋالماقتا ۋە بۇ سودىنى جوڭگونىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگىچە كېڭەيتمەكتە، دەپ ئەيىپلىگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى قەھرىمان غوجامبەردىنى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرماقتا، دەپ تەكىتلىگەن خەۋەردە "قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇر خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى قەھرىمان غوجامبەردى ئادەم ئەۋەتىپ چىگرىمىز ئىچىدە زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھى ئۇيۇشتۇرغان ۋە چىگرا ئېغىزىدىن دۆلىتىمىزگە زەھەرلىك چېكىملىك يۆتكىمەكچى بولغان،" دەيدۇ.
بۇ خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر سىياسى رەھبىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى بىلەن ئەيىپلەپ ئىسمىنى ئاشكارە تىلغا ئېلىشىدۇر. لېكىن " خەلقئارا ئاۋانگارت يىتەكچىلەر "گېزىتىنىڭ بۇ خەۋىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاي ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تېرورچى، دەپ ئاقتۇرۇلمىغاندىن كېيىن ئۇلارغا تۆھمەت قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانماقتا، دىدى.
قەھرىمان غوجامبەردى مىللىي داۋايىمىز سېپىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك ۋە ئىرادىسى مۇستەھكەم رەھبەرلىمىزنىڭ بىرى، دەپ تەكىتلىگەن دىلشات رىشىت،" خەلقئارا ئاۋانگارت يىتەكچىلەر گېزىتىنىڭ خەۋىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىغ ئۇچىنى قەھرىمان غوجامبەردىگە قاراتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە،" دەپ كۆرسەتتى. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى تېررورچى تەشكىلات ئەمەس دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى
- خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئىسلامىي ھەرىكتىگە قارشى خەلقئارا جامائەتنى ياردەمگە چاقىردى
- خىتاي ھۆكۈمىتى پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى
- خىتاي بىلەن تۈركمەنىستان ئۇيغۇرلارغا قارشى كېلىشىم تۈزدى
- زەھەرلىك چېكىملىك مەسىلىلىرى كۆپەيمەكتە