ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن خاتىرىلەندى

شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنىڭ مەرھۇم رەھبىرى ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 10 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزدى.

18-دېكابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مىيۇنخېن شەھىرىدىكى رازاي رېستورانىدا ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننى خاتىرىلەش پائالىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ، بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى، تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى مۇھىسىن يازغۇچى ئوغلى شۇنىڭدەك گېرمانىيىدىكى بىر قىسىم تۈرك تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ، يۈزدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

خاتىرە پائالىيىتىدە، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ پۈتۈن سىياسىي كۈرەش ھاياتى ئەسلىنىپ ئۆتۈش بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر داۋاسىغا قوشقان تۆھپىسىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى. ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن بىلەن سۆھبەتداش بولغان ھەم كۆرۈشكەن كىشىلەر ئۆز تەسىراتلىرىنى بايان قىلىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا مەرھۇمغا مۇنداق باھا بېرىلگەن: "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1901-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، مەرھۇم ئەيسا ئەپەندىم 1925 – يىللىرى ئۆزىنى ۋەتەن مىللەتنىڭ ھۆرىيىتىگە ئاتىغان ياشلىق دەۋرىدىن باشلاپ، 1995 – يىلى 17 – دەكابىر تۈركىيىدە پانىي دۇنيا بىلەن ۋىدالاشقىچە بولغان ئۇزۇن بىر زاماندا، تۈرك دۇنياسى، ئەرەپ دۇنياسى ۋە غەرب دۇنياسىدا پۈتۈن ئىمكانلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تەرغىپ قىلىپ، بۈگۈنكى مىللىي مۇجادىلىمىزغا ئاساس سالغان ۋە ئۆچمەس ئىز قالدۇرغان ۋەتەنپەرۋەر بىر زات". (ئۈمىدۋار)