فىنلاندىيىدىكى بىر تەشكىلات ئۇيغۇر ئېلىدىكى تىببىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈشكە ياردەملەشتى


2005.01.06

فىنلاندىيىنىڭ بىر خەلقئارا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى قەشقەر ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، چارشەنبە كۈنى يوپۇرغا ناھىيىسىدە يېزا تىببىي خادىملىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ئاچتى. يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدىن كەلگەن 36 نەپەر دوختۇر، 14 كۈنلۈك مەزكۇر كۇرسقا قاتناشتى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى جويىس خادىم، فىنلاندىيىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى ۋە بىر قىسىم تەربىيىلەنگەن يەرلىك دوختۇرلارنىڭ مەزكۇر يېزا دوختۇرلىرىغا ئاساسلىقى داۋالاش، ئانا- بالا ساغلىقى، يۇقۇملۇق كېسەللەردىن ساقلىنىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان مەزكۇر تەشكىلات، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان قەشقەر ۋىلايىتىدە يېزا دوختۇرلىرىنى يىتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەم بېرىپ، ھازىرغىچە 200 دىن ئارتۇق دوختۇرنى ھەر خىل كۇرسلاردا تەربىيىلىگەن.

فىنلاندىيىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتىنىڭ قەشقەر رايونىدا "ساغلاملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش پروگراممىسى" 2003 - يىلى باشلانغان بولۇپ، ئاساسلىقى تىببىي خادىملارنى تەربىيىلەش ئارقىلىق يەرلىك دېھقانلارنىڭ ساغلاملىق تەربىيىسى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.