بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا قاراشلىق ئوزۇقلۇق ۋە يېزا ئىگىلىك ئورگىنى چارشەنبە كۈنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى 40 تۇياق كالىدا تۇياق-ئېغىز ياللۇغى كېسىلىنىڭ بايقالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تۇياق-ئېغىز ياللۇغى كېسىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ لوپنۇر ناھىيىسىدە بايقالغان بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كېسەل بايقالغان 40 تۇياق كالىغا قوشۇپ، ئۇلار بىلەن بىرگە تۇرغان 300 گە يېقىن كالىنى ئۆلتۈرگەن.
خىتاينىڭ يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى دەرھال ب د ت ئوزۇقلۇق ۋە يېزا ئىگىلىك ئورگىنىغا دوكلات سۇنۇپ، تۇياق-ئېغىز ياللۇغى كېسىلىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئەمما مەزكۇر مىنىستىرلىق تېخى ئۆتكەن ئايدا، بۇ ئورگانغا ئوخشاش دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ كېسەلنىڭ تارقىلىشىنى ئوڭۇشلۇق كونترول قىلىۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ كېسەلنىڭ قايتا بايقىلىشى، نۆۋەتتە ب د ت ئوزۇقلۇق ۋە يېزا ئىگىلىك ئورگىنىنى ئەندىشىگە سالماقتا.
بۇ يىل 4 - ئايدىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا تۇياق-ئېغىز ياللۇغى كېسىلى ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ خىتاينىڭ خېبېي، شەندوڭ، جياڭسۇ ئۆلكىسى شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدە بايقىلىپ، ھازىرغىچە 4 مىڭدىن ئوشۇق كالا مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆلتۈرۈپ تاشلانغان.
تۇياق-ئېغىز ياللۇغى كېسىلى يەنە "5 - نومۇرلۇق كېسەل" دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ ھەتتا 2004 - يىلى 10 - ئايدا ئىلى ئوبلاستىغا قاراشلىق ھەر قايسى چارۋىچىلىق مەيدانلىرىدا بايقالغان ئىدى. ئەمما ئۇ چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى مەخپىي تۇتۇپ ئاممىدىن يوشۇرغان ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئېغىز تۇياق ياللۇغى ئاپىتى خىتايدىن رۇسىيگە ئۆتتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش رايونى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىماقتا
- خىتاي ھۆكۈمىتى ھايۋانلارغا ئېغىز - تۇياق ياللۇغى تارقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى چەكلىگەن
- "5 - نومۇرلۇق كېسەل" نىڭ " تۇياق- ئېغىز ياللۇغى" ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانجى ئوبلاستىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى