خىتاي ساقچىلىرى فرانسىيە مۇخبىرلىرىنى ئۈستۈن ئېرىققا كىرگۈزمىدى
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.07.30
2008.07.30
فرانسىيە مۇخبىرلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىگىمۇ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىگىمۇ تېلېفون قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ ھەر قانداق جايغا بېرىپ زىيارەت قىلىشىغا يول قويىمىز دەپ ۋەدە بەرگەنلىكىنى تىلغان ئېلىپ سورىغان سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.
خەۋەردە يەنە، كوممۇنىست خىتاي 50 نەچچە يىلدىن بۇيان ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىنجاڭ دېگەن بۇ جايدىكى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر خىتاينىڭ دىنىي ۋە سىياسىي بېسىمىغا قارشى كۆرەش قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئەسكەرتىلگەن.
رادىئومىز 5 - ئايدا، ئۈستۈن ئېرىقتا 10 يىل بۇرۇن سېلىنغان بىر مەسچىتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 'قانۇنسىز دىنى پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەن' دېگەن نام بىلەن چېقىۋەتكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.









