فۇكاڭدىكى كان ۋەقەسىنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈش باسقۇچى باشلاندى
2005.07.14
خىتاي دۆلەت كابىنتى فۇكاڭ شېنلوڭ كان پارتلاش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى چارشەنبە كۈنى رەسمىي قۇرۇلدى. دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە مەزكۇر گۇرۇپپا مەسئۇلى لى يىجۇڭ ئۇلارنىڭ ھازىردىن باشلاپ، فۇكاڭ 11 - ئىيۇل كان پارتلاش ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
تەڭرىتاغ خەۋەر تورىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، فۇكاڭ كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 83 كىشى قازا قىلغان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇلارنىڭ ئارىسىدا 81 ئىنىڭ جەسىتى تېپىلغان. مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دەسلەپكى قەدەمدە بۇ ۋەقەنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكتىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
شۇنداقلا دەسلەپكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، فۇكاڭ شېنلوڭ كۆمۈر كانىنىڭ شامال ئۆتۈشۈش قۇدۇغى يوقكەن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش رۇخسەت كېنىشكىسىمۇ يوقكەن ھەتتا كېڭەيتىپ قۇرۇش سالاھىئىيەت كېنىشكىسىمۇ بېجىرىلمىگەن ئىكەن. ئەمما مەزكۇر كان مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ داۋاملىق كان قېزىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، تېخى ئىقتىدارىدىنمۇ ھالقىغان ھالدا كان قېزىش ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانغان.
ئەمەلىيەتتە بۇ كاننىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئاران 30 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولسىمۇ، بۇ كان ئۆتكەن يىلى 290 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقارغان. ۋەقەدىن كېيىنكى بېسىقتۇرۇش ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورۇنلار، ھازىر دەسلەپكى قەدەمدە قازا قىلغان ھەر بىر كىشىنىڭ ئائىلىسىگە 200 مىڭ يۇئەندىن ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)