تەپتىش دائىرىلىرى فۇكاڭ كۆمۈر كېنىنىڭ بەش نەپەر مەسئۇلىنى قولغا ئالدى
2005.07.25
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ فۇكاڭ ناھىيىلىك تەپتىش مەھكىمىسى، فۇكاڭدىكى شېنلوڭ كۆمۈركېنىدا يۈز بەرگەن 83 نەپەر ئىشچىنىڭ كان ئاستىدا گاز پارتلاش سەۋەبى بىلەن ئۆلۈش ۋەقەسىدىن كېيىن، مەزكۇر كاننىڭ بەش نەپەر مەسئۇلىنى مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبىدىن زور قازا كېلىپ چىقىشقا سەۋەپچى بولۇش بىلەن قولغا ئالغان.
فۇكاڭ ناھىيىسىنىڭ شېنلوڭ كۆمۈر كېنىدىكى گاز پارتلاش ۋەقەسى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى يۈز بەرگەن ئىدى. دائىرىلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ يىتەرسىزلىكى، باشقۇرۇشنىڭ قالايمىقانلىقى سەۋەبچى بولغان، دەپ خۇلاسە چىقارغان.
تەپتىش دائىرىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى مەزكۇر كۆمۈر كاننىڭ باش مۇدىرى، كان باشلىقى، مۇئاۋىن كان باشلىقى، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرغۇچى قاتارلىق بەش كىشىنى قولغا ئېلىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش سەۋەبىدىن زور ۋەقە كېلىپ چىقىشقا جاۋابكار بولۇش جىنايىتى بىلەن رەسمى ئەيىبلىگەن.
بۇ قېتىمقى ۋەقە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارىخىدىكى زور كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئىككى ئۇيغۇر بىلەن ئىككى قازاق ئىشچى بار ئىدى. (ئەركىن)