فۇكاڭ كۆمۈر كانىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 76 گە يەتتى
2005.07.12
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن فۇكاڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، شېڭلۇڭ كۆمۈر كانىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 76 كىشىگە يەتكەن. قالغان 7 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ ئاقىۋىتى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدىكى كان ئىشلىرى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇل مۇتەخەسسىسى نەق مەيداندىكى تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش ئىشلىرى توغرىسىدا مۇخبىرلارغا بەرگەن مەلۇماتىدا، قۇتقازغۇچى خادىملارنىڭ 200 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدىن كېيىن، ئىككىنچى قېتىم يەنە پارتلاش يۈز بېرىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن كاندىكى گازنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىش، شامال يولى ئىچىش ئارقىلىق ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا يېتىپ بېرىپ 76 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ جەسىدىنى تاپقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە، قالغان 7 نەپەر ئىشچىنىڭ ئورنىنى ئېنىقلاپ بولغانلىقىنى، ئەمما ئۇ جايدىكى گاز قويۇقلۇق دەرىجىسى خەتەرلىك ئۆلچىمىدىن يۇقىرى بولغاچقا، قۇتقازغۇچى خادىملارنىڭ تېخى ئۇ يەرگە بارالمايۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
نەق مەيداندا كۆزىتىش ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى، قۇدۇق ئاستىدىكى شارائىتقا ئاساسلانغاندا، قالغان 7 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. (ئىلتەبىر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- فۇكاڭ كۆمۈر كانىدا قازا قىلغان ئادەم سانى 65 يەتكەن
- قارا 2 - تەبىئىي گازلىقىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئىككى ئادەم ئۆلدى
- ئۈرۈمچىدىكى خوڭيەنچى ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر ئالتۇن كېنىنى ئاچتى
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يەرلىك كۆمۈر كانلارنىڭ ھەممىسى تاقىلىدۇ