خىتاينىڭ غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلىشى پۇتۇنلەي تاماملاندى


2004.08.04
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

8- ئاينىڭ 3- كۈنى ئەتتىگەن سائەت 10:30 دا، غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تۇرۇبا ئېغىزى تۇتاشتۇرۇلىشى بىلەن، خىتاينىڭ غەرىپنى ئېچىش سىياسىتىنىڭ سىمۋولى بولغان 4 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسى پۇتۇنلەي تۇتاشتۇرۇلدى.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىغىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ يىل 1- ئاينىڭ 1- كۈنى غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ شەرقىي بۆلىكىدىن يەنى خېنەن، ئەنخۇي، جىياڭسۇ ۋە شاڭخەي قاتارلىق 4 ئۆلكە بىر شەھەردىن گاز ماڭغۇزۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ پۇتۇنلەي تاماملىنىشى بىلەن، 10 ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، مەزكۇر گاز تۇرۇبىسىنىڭ پۇتۇن بۆلىكىدىن گاز ماڭغۇزۇلىدىغانلىغى پىلانلانماقتا.

خىتاي مەزكۈر قۇرۇلۇشنى 2002 - يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى باشلىغان بولۇپ، بۇ تۇرۇبا غەرىپتە ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلىنىپ، 10 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ، شەرىقتە شاڭخەي شەھىرىنىڭ بەيخې كەنتىگىچە تۇتاشتۇرۇلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش تۇرۇبا قۇرۇلىشىغا 43 مىليارد 5 يۈز مىليون يۇەن مەبلەغ ئاجراتقان بولۇپ، بۇ خىتايدىكى ئارىلىقى ئەڭ ئۇزۇن، تۇرۇبا دېئامېتىرى ئەڭ چوڭ، دەسمايىسى ئەڭ كۆپ ۋە نېفىت ماڭغۇزۇش مىقدارى ئەڭ چوڭ تەبىئى گاز تۇرۇبىسى ھىسابلىنىدىكەن.

خىتاي نېفىتلىگى تەبىئى گاز گوروھى، غەرىپتىكى گازنى شەرىققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسىنىڭ شەرىققە 20 مىليارد كۇپ مېتىر نېفىت يەتكۈزەلەيدىغانلىغىنى، ھەمدە شەرىقنى 30 يىل مۇقىم ھالدا گاز بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.