غەربتىكى گازنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبىسىىدىن رەسمىي گاز ماڭغۇزۇلدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن باشلاپ، خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىز بويىغىچە تۇتاشتۇرۇلغان غەربتىكى گازنى شەرققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسىدىن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پىلاندىن بىر ئاي بۇرۇن رەسمىي گاز ماڭغۇزۇلدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 4 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ گاز تۇرۇبىسىغا جەمئىي 5 مىليارد 2 يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرى سەرپ قىلىنغان بولۇپ، بۇ گاز تۇرۇبىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىن يىلىغا 12 مىليارد كۇپ مېتىر تەبىئىي گاز خىتاينىڭ شەرقىي رايونىغا يەتكۈزىلىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم نېفىتلىكىنىڭ ئومۇمىي تەبىئىي گاز زاپاس مىقدارى 8 تىرىليون 4 يۈز مىليارد كۇپ مېتىرغا يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە بۇنىڭ 658 مىليارد كۇپ مېتىرى ئېنىقلانغان. شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرى تارىم ئويمانلىقىدا -2010 يىلغىچە تەبىئىي گاز قىدىرىش مىقدارىنى 1 تىرىليون كۇپ مېتىرغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلقلەر ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بىر تەرەپتىن، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن پايدىلىنىشتا، بۇ بايلىقلارنىڭ ئىگىسى بولغان يەرلىك خەلقلەرنى ھېچقانداق پايدىغا ئېرىشتۈرمىگەنلىكىنى ئەيىبلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بايلىقلارنى ئېچىشتا ئېكىلوگىيىلىك مۇھىتقا دېققەت قىلمايۋاتقانلىقىدىن نارازاى بولماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.