خەلقارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىغان تارىم - شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، 1 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ شاڭخەينى گاز بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىنىڭ بۈگۈر ئەتراپىدىن باشلىنىدىغان گاز تۇرۇبىسى شەنشىدىكى چاڭچىڭغا بارىدۇ. بۇ يەردىن شاڭخەيگە گاز يوللايدۇ. گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 4 مىڭ ك م بولۇپ، مەكۇر قۇرۇلۇشقا 18 مىليارت دوللار مەبلەغ كېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماتا ئىدى. قۇرۇلۇشقا كېتىدىغان مەبلەغنىڭ 4 - 5 مىليارتىنى خىتاي نېفىت شىركىتى چىقارغان. بۇ يىل 8 - ئايدا مەزكۇر قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش نىيىتىدىكى بەزى خەلقارا شىركەتلەر مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كەچكەنلىگىنى جاكالىغان ئىدى.
روسىيەنىڭ گاز پېرۇم، ئامېرىكىنىڭ شېلل، ئېكسان موبىل قاتارلىق شىركەتلەر مەزكۇر قۇرۇلۇشتىن چېكىنىپ چىققان. خىتاي نېفىت شىركىتى قۇرۇلۇشنى ئۆز ئالدىغا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كۆزەتكۈچىلەر، چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلۇشتىن چېكىنىپ چىقىشىدىكى سەۋەپلەر، قۇرۇلۇشنىڭ سىياسى نىشاننى كۆزدە تۇتۇپ ياسالغانلىقى، ئىقتىسادى ئۈنۈمى كۆزلەنگەن پايدىنى يارىتالمايدىغانلىقى دەپ قارىغان. چەئەلدىكى تەشكىلاتلىرى بولسا قۇرۇلۇشنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىش ھەركىتى دەپ ئېيىپلىگەن. خەلقارا مۇھىت قوغداش ئورگانلىرى، گاز تۇرۇبىسى ئۆتىدىغان رايۇنلارنىڭ ئېكىلوگىيەلىك مۇھىتى تەھدىت ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى سەۋەپ قىلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشقا قارشى چىققان. (ئەركىن)
