ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گېزى، شاڭخەيدىكى بەيئې يېزىسىغا تۇتاشتۇرۇلدى


2004.10.19
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشلىرىدىن، ئاقسۇ قارا 2 - تەبىئىي گاز قۇدۇقى، نەچچە كۈن ئىلگىرى شاڭخەي چىڭپۇ بېيئې يېزىسىغا تۇتاشتۇرۇلغان. خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غەربتىكى ئاقسۇدىن شاڭخەيدىكى بېيئې يېزىسىغاغا قەدەر تۇتاشتۇرۇلغان مەزكۇر تۇرۇبا ئۇزۇنلۇقى 4000 كىلومېتىر كېلىدىغان تەبىئىي گاز قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق چوڭ تومۇرى ھېسابلىنىدىكەن.

قارا 2 - تەبىئىي گاز قۇدۇقى، تارىم ئويمانلىقىنىڭ، ئاقسۇ چېگرىسى ئىچىدىكى غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ھېسابلىنىپ، خىتاينىڭ شاڭخەي، جېڭ جوۋ، نەنجىڭ قاتارلىق شەھەرلىرىنى 30 يىلدىن 35 يىلغىچە گاز بىلەن تەمىنلەيدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي گاز ۋە نېفىتى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىنى ئۇزۇن مۇددەت تەمىنلەش سىياسىتىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقىنى يۆتكەپ قۇرۇتۇش سىياسىتى دەپ قارىغان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر قۇرۇلىشىنى ئۇيغۇر ئېلىدا يۇرگۇزۋاتقان ئىقسادىي بۇلاڭچىلىق سىياسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئەپ تونۇيدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.