تارىم - شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى خىتايلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىدى

دۆلەت ئىگىلىكىدىكى خىتاي نېفىت شىركىتى، 2020 - يىلغىچە ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە تۇتۇشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن يەنە بىرنى ياتقۇزۇشنى پىلانلىماقتىكەن .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا 2004 - يىلى رەسمى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن تارىم - شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى، خىتاينىڭ تەبىئىي گاز ئېنېرگىيىسىگە بولغان ئېھتىياجىنى قامدىيالمىغان.

دۇنيا بازارلار تەتقىقات مەركىزىدىكى ئانالىزچىلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر پىلان تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا بولۇپ، يېڭى گاز تۇرۇبىسى يىلىغا 26 مىليارد كۈپ مېتىر گاز توشۇش ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپ لايىھىلىنىشى مۇمكىن. ھازىر مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان تارىم - شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئومۇمى ئۇزۇنلۇقى 3000 ك م بولۇپ، يىللىق گاز توشۇش ئىقتىدارى 12 مىليارد كۈپ مېتىر.

خىتاينىڭ ئومۇمى تەبىئىي گاز زاپىسى 2.2 ترىلىيون كۈپ مېتىر بولۇپ، يىلىغا 40 مىليارد كۈپ مېتىر تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىدۇ. خىتايلار 2020 -يىلغىچە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى 120 مىليارد كۈپ مېتىرغا كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

ئانالىزچىلار، خىتايلارنىڭ - شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسى پىلانىدىكى نەتىجىگە ئېرىشمەي تۇرۇپ، يەنە بىر گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشنى پىلانلاش، قاراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت، دەپ قارىغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا تارىم -شاڭخەي تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن گاز سېتىۋېلىش توختىمى تۈزگەن ئورۇنلار ئاران 40 ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ خىتاي نېفىت شىركىتىنىڭ پىلانىدىكىدىن كۆپ ئاز ئىكەن. (ئەركىن)