خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىي گازلىرىنى يۆتكەشنى جىددىيلەشتۈرمەكتە

خىتاينىڭ تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلنىڭ بىرىنچى پەسلىدە تەبىي گاز توشۇش تۇرۇبىسى ئارقىلىق تارىم ئويمانلىقىدىن 10 مىليون كۇپ مېتىر تەبىي گازنى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىغا يۆتكەپ كەتكەن.

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل 1-ئايدىن ئېتىبارەن غەربنىڭ گېزىنى شەرققە يۆتكەش دەپ ئاتالغان ئىقتىسادىي پىلانىنى باشلاپ، بىر تەرەپتىن تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبىي گاز زاپاسلىرىنى تېپىش ۋە قېزىش ئىشلىرىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنى خىتاينىڭ شەرقىي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەشكە بولغان كاپالەتنى ئاشۇرغان.

خىتاينىڭ شەرق-غەرب تەبىي گاز تۇرۇبىسى گەنسۇ، نىڭشا، خېنەن، جياڭسۇ قاتارلىق 10 ئۆلكىنى بېسىپ ئۆتۈپ، شاڭخەيگە تۇتاشقان بولۇپ، ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا تەبىي گازنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بازارلىرىدا سېتىلىش تەننەرقى شاڭخەي قاتارلىق جايلاردىكىدىن قىممەت ئىكەن.

ئۇنىڭدىن سىرت يەنە تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارغا تەبىي گازدىن ئەرزان باھادا پايدىلىنىش مۇمكىنچىلىكى يارىتىلمىغان. ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى ناھايىتى تۆۋەن بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ تەبىي گازدىن پايدىلىنىشقا قۇربى يەتمىگەن.

تەڭرى تاغ تورىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، تارىم ئويمانلىقىدىكى تەبىي گاز مىقدارى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىنى 30 يىل تەمىنلەشكە يېتىدىكەن. (ئۈمىدۋار)