ئىككىنچى قېتىملىق غەربنىڭ گازىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى باشلاندى

شاڭخەي كۈندىلىك خەۋەرلەر تورىنىڭ 26 -فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدا كۈنسايىن ئۆرلەۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 2010 -يىلىغا قەدەر، خىتاي تەبئىي گاز ۋە نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمىنى 63 پرسەنت كېڭەيتىدىكەن. خىتاي نېفىت تۇرۇبا لىنىيىسى ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى سۇ شىفېڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ جەرياندا، خىتايدا ئەسلىدە بار بولغان 40 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ئېنېرگىيە تۇرۇبىلىرىغا يەنە 25 مىڭ كىلومېتىر قوشۇلىدىكەن.

بۇنىڭ ئىچىدىكى ھالقىلىق قۇرۇلۇشلار، خىتاينىڭ ئىككىنچى قېتىملىق غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش يەنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەبىي گازلارنى دېڭىز بويى رايونلىرىغا يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي بىرىنچى قېتىملىق 4 مىڭ كىلومېتىرلىق غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەيدىغان تۇرۇبا لىنىيىسىنى 2004-يىلى تاماملىغان ئىدى.

2006 ‏- يىللىق ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تەبىي گاز زاپىسى 1.29 تېرلىيون كۇپ مېتىر بولۇپ خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ئۇيغۇر دىيارىدىن، ئۆتكەن يىلىلا 140مىليارد كۇپ مېتىر گاز زاپىسى بايقالغان بولۇپ بۇنىڭ 110 مىليارد كۇب مېتىرى تارىم نىفىتلىكىدىن بايقالغان ئىكەن.

مۆلچەرلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئومۇمى گاز زاپىسى 10 تىرىليون كۇب مېتىر بولۇپ، خىتاي ئومۇمى گاز زاپىسىنىڭ4 تىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدىكەن.

تارىم نىفىتلىكىدىن باشلانغان 4 مىڭ كىلومېتىرلىق تۇرۇبالىنىيسى خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى ۋە شەرقىي خىتايدىكى 34 شەھەرگە تۇتىشىدىكەن. خىتاي ئۆتكەن يىلى مۇشۇ تۇربلار بىلەن10 مىليارد كۇپ لىتىر تەبىي گازنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇپ كېتىپتۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي يەنە، خەلقئارالىق نېفىت تۇرۇبا لىنىيسىنىمۇ كېڭەيتىشنى پىلانلاۋاتقان بولۇپ، ئەسلىدە بار بولغان ئۇيغۇر دىيارى بىلەن قازاقستاننى تۇتاشتۇرىدىغان تۇرۇبا لىنىيىسىنى روسىيىگىچە كېڭەيتىش ئىستىگىدە بولۇۋېتىپتۇ. (جۈمە)