ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قاتارلىق ئېنېرگىيىلەرنىڭ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، ئۈرۈمچىدىكى 5000 ئاھالە نۆۋەتتە گاز يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە.
ئۈرۈمچىدە "كۆك ئاسمان قۇرۇلۇشى" يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، نۇرغۇن ئاھالىلەر مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۆيلىرىگە تەبىئىي گاز تۇرۇبىلىرىنى ئورناتقان ئىدى. ئەمما بۇ يىل قىش كېلىشى بىلەن "يېرى كەڭ، بايلىق مەنبەسى مول" دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئېلىدە، گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلدى. بۇ ئەھۋال ئۈرۈمچىدە بىر قەدەر روشەن كۆرۈلۈپ، نۇرغۇن ئاھالىلەرگە تەبىئىي گاز يېتىشمىدى ۋە بىر قانچە گاز پونكىتلىرى تاقىۋېتىلدى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېقىلغۇ گاز ھەسسىدارلىق شىركىتى، تەبىئىي گاز يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئاساسلىقى قىش پەسلى كېلىشى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئاھالىلەرنىڭ گاز ئىشلىتىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇ جاۋابتىن قانائەتلەنمىدى. ئۇلار، تەبىئىي گاز ۋە نېفىت بايلىقى مول ئۇيغۇر رايونىدا گاز يېتىشمەسلىكىگە، خىتاينىڭ بۇ بايلىقلارنى باشقا ئۆلكىلەرگە كۆپ مىقداردا يۆتكەپ كېتىشى سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىسىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىنچى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسى چوڭ قۇرۇلۇشنى پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاينىڭ يەر-زېمىن ۋە بايلىق مەنبەسى مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش 2020- يىلى باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە ئېچىرقاپ كەتكەن گۇاڭجۇ رايونىغىچە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ سالماقچى بولغان گاز تۇرۇبىسىدىن ھازىر بار بولغان دەسلەپكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش گاز تۇرۇبىسىغا قارىغاندا ئىككى ھەسسە كۆپ گاز ماڭغۇزۇلىدىكەن. (پەرىدە)