تارىمنىڭ نېفىت گازى تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا يەتكۈزۈلدى

3 - ئاۋغۇست كۈنى تارىمنىڭ تەبىئىي گازى، غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۇرۇبا يولى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم بېيجىڭغا يەتكۈزۈلگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىلگىرى بېيجىڭغا تەبئىي گازنى ئىزچىل شەنشى چاڭچىڭ نېفىتلىكى تەمىنلەپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن شەنشى-بېيجىڭ لىنىيىسىدىكى گاز بىلەن تەمىنلەش مىقدارى بارغانسېرى چەكلىمىگە ئۇچرىغاچقا، بېيجىڭنىڭ گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇرالماي قالغان.

ئۇيغۇر ئېلىدە چىقىدىغان مەزكۇر تور بېتى خەۋىرىدە، "پايتەخت خەلقىنىڭ گاز ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قانداق كاپالەتلەندۈرۈش، جۇڭگو نېفىت پاي شىركىتى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان مەسىلە. پايتەختتىكى ئاھالىلەر بۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئەڭ غەربىدىن يەتكۈزۈلگەن پاكىز گازنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى" دەپ يازغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان نېفىت قېزىش خىزمىتىدىكى قەدىمى بارغانسېرى تىزلىشىپ، نېفىت قېزىش دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىۋاتقان بولۇپ، ئۇلار يەنە يېقىندىلا ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز بايلىق بەلۋىغىنىڭ مەركىزىدىكى يېڭى مەھەللە گازلىقىنى قىدىرىش ئىشلىرى ئۈچۈن 4 مىليارد 200 مىليون يۇئەن مەبلەغ سالدى. (پەرىدە)