غەربنىڭ نېفىتىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى يەنە باشلاندى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26 ‏- يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي بۇ يىل غەربنىڭ نېفىتىنى شەرىققە يۆتكەش قۇرۇلۇش پىلانىدىن سىرت، يېڭىدىن خام نېفىت يۆتكەش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پىششىقلانمىغان نېفىتنى يۆتكەش تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى ئۈرۈمچىدىن باشلىنىپ، گەنسۇنىڭ 28 ناھىيە ۋە شەھىرىدىن لەنجۇغا قەدەر تۇتاشتۇرۇلىدىغانلىقى پىلان قىلىنغان. مەزكۇر تۇرۇبا قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇزۇنلىقى 1858 كىلومېتىر بولۇپ، قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 185 مىليون دوللارغا، يىلىغا يۆتكىمەكچى بولغان خام نېفىت مىقدارى 20مىليون توننىغا يېتىدىكەن.

نۆۋەتتە قۇرۇلۇشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى باشلىنىپ، بۇ يىل 8 ‏- ئايدا رەسمىي ئىشقا چۈشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. بۇ قۇرۇلۇش، خىتاي بويىچە تارىم ‏-شاڭخەي نېفىت قۇرۇلۇشىدىن باشقا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نېفىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىغان يەنە بىر چوڭ نېفىت قۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ .

مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، ئوخشاشلا يىلىغا 20 مىليون توننا نېفىت يۆتكەش پىلان قىلىنغان 962 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خىتاي‏- قازاقىستان نېفىت تۇرۇبا قۇرۇلۇشىغا 700 مىليون دوللار ئاجرىتىلغان بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىن گەنسۇ ئۆلكىسىگە ياتقۇزۇلىدىغان 1800 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۇرۇبا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاران 185 مىليون دوللار ئاجراتقان. (ئەقىدە)