خىتاي غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەيدىغان 2 - گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى ياسىماقچى


2006.03.31

جۇڭگو نېفىت شىركىتى، نۈۋەتتىكى تارىم - شاڭخەي تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىرگە، بۇنىڭغا پاراللىل قىلىپ 2 - بىر تەبئىي گاز تۇرۇبا لىنىيسىنى ياساش پىلانى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.

جۇڭگو مالىيە - ئىقتىساد گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇڭگو نېفىت شىركىتى لايىھىلەش ئىنىستىتۇتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، 2 - تەبئىي گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن باشلىنىدىغانلىقىنى، لېكىن ھازىرچە قەيەردىن باشلىنىدىغانلىقى تېخى مۇقىملاشمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ،جۇڭگو نېفىت شىركىتى تارىم - شاڭخەي تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يىلىغا 12 مىليارد كۇپ مېتىر گاز ئېقىتىش سىغىمىنى 17 مىليارد كۇپ مېتىرغا چىقارماقچى ئىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر گاز تۇرۇبىسى خىتاي ئۆلكىلىرىنى يىلىغا 8 مىليارد كۇپ مېتىر تەبئىي گاز بىلەن تەمىنلىمەكتە. لېكىن مەزكۇر قۇرۇلۇش شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا مۇھىت قوغداش ئورگانلىرى تەرىپىدىن يەرلىك خەلقنىڭ بايلىقىنى تالاڭ قىلىش ۋە مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ ئەيىبلەنگەن. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش يەرلىك خەلقنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ ئاقلىماقتا. مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، "يېڭى قۇرۇلىدىغان تەبئىي گاز تۇرۇبىسى شەرقتىكى ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان تەبئىي گاز ئېھتىياجىنى قامداشنى مەقسەد قىلغان " دەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش قۇرۇلۇشى يەرلىك ئىقتىسادنى گۈللەندۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ دەپ تەكىتلىسىمۇ،لېكىن تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىدا نېفىت ‏- تەبئىي گاز ئېچىۋاتقان شىركەتلەر ئۇيغۇرلاردىن ئىشچى - خىزمەتچى ئېلىشنى رەت قىلماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.