خىتاي 2010 - يىلغىچە غەرب شەرق تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ 2 - لىنىيىسىنى ياتقۇزۇش پىلانى قۇرماقتا
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەبئىي گاز بايلىقىنى شەرقتىكى ئۆلكىلەرگە توشۇيدىغان تارىم -شاڭخەي تەبئىي گاز تۇرۇبىسىغا يانداش 2 - تەبئىي گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزۇش پىلانى قۇرماقتا.
بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىكى ئەمەلدارلار مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ 2010 - يىلغىچە پۈتۈشى پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ جىڭ، 2006 - يىللىق خىتاي تەبئىي گاز يىغىنىنىڭ دەپ ئېلىش پەيتىدە مۇخبىرلارغا " ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە تەبئىي گاز مەنبەلىرىنى تېپىش " دەيدۇ. ئۇ، "بۇ مەسىلە پات يېقىندا ھەل قىلىنسا " تەبئىي گاز تۇرۇبىسىنىڭ ئالدىمىزدىكى 2 يىل ئىچىدە ياسىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرى ئۆتكەن ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باي ناھىيىسىدە قارا - 2 تەبئىي گاز بازىسىدىن قالسا، تەبئىي گاز زاپىسى 150 مىليارد كۇپ مېتىر كېلىدىغان 2 - چوڭ تەبئىي گاز قۇدۇقى بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش پىلانى ئۇيغۇرلارنىڭ تەبئىي بايلىقىنى تالان - تاراج قىلىش، رايوننىڭ مۇھىتىنى بۇلغاش ۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش رولىنى ئوينىماقتا، دەپ ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە ئىككىنچى چوڭ تەبىئىي گاز كانى بايقالدى
- قاراماي - ئۈرۈمچى تەبئىي گاز تۇرۇبا قۇرۇلۇشى تاماملاندى
- جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئالتايغا گاز تۇرۇبىسى ياتقۇزماقچى
- رۇسىيە ئالتاي ئارقىلىق خىتاينىڭ شەرقى دېڭىز رايونلىرىنى تەمىنلەيدىغان تەبىئى گاز تۇرۇبىسى ياسىماقچى
- خىتاي غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەيدىغان 2 - گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى ياسىماقچى