سېخىيلىق ۋە مەردلىك
2008.01.24
دۇنيادا ئۆزئارا كۆيۈنۈشنى ۋە ياردەملىشىشنى ئىنكار قىلىدىغان بېرەر دىن ياكى قانۇن بولمىغان ۋە بولمايدۇ. بەلكى كۈچلۈكنىڭ ئاجىزغا كۆيۈنۈشى ئارقىلىق بەخت ۋە خاتىرجەملىككە كاپالەتلىك قىلىشنى زۆرۈر دەپ، قارايدۇ. ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە كۈچلۈك بىلەن ئاجىز، باي بىلەن نامرات مەۋجۇدلا بولىدىكەن، كۈچلۈكنىڭ ئاجىزغا، باينىڭ يوقسۇلغا كۆيۈنۈشى، كۆڭۈل بۆلۈشى بەخت - سائادەتنىڭ كاپالىتىدۇر.
كىشىلەرنىڭ باي - كەمبەغەل بولۇپ ياشىشى بىر سىناق
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئالىم مۇھەممەد نىياز ھاجىم جەمئىيەتتىكى باي ۋە كەمبەغەللىكنىڭ بىر خىل سىناق ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: « ئىنسانىيەت جەمئىيىتى زىددىيەتلىك ۋە رەڭدار بولۇپ، ھاياتلىقنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلغان ئاتاسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، بەزىلەر باي، بەزىلەر قانائەتچان، بەزىلەر يوقسۇل بولۇشى بۇ ھاياتلىقنىڭ قانۇنىيىتىدۇر. كىشىلەر تاش يۈرەك، رەھىمسىزلىشىپ ئۆزى ۋە ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈنلا ياشىغىنىدا شۇ كىشىلەرگە بەختسىزلىك يۈزلىنىدۇ. چۈنكى ياراتقۇچى ئىنسانلارنى پەرقلىق، ئۆزئارا ئارىلىشىپ ياشايدىغان قىلىپ ياراتقان. ئوخشىمىغان كىشىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ياشىتىشتىن مەقسەت ئىماننى تاۋلاش ۋە ياخشىلىقنى يېتىشتۈرۈش داۋامىدىكى بىر سىناق. كىشىلەر ئۆزئارا مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملىگەن، يوقسۇللار يوقسۇللۇقنىڭ دوزىقىدا قىينالمىغان، قول ئىلكىدە بارلار بايلىقىنى چىڭ سىقىمداپ ياتمىغاندىلا بۇ سىناق مەيداندا ئۇتۇپ چىقالايدۇ.»
نامراتلىق ياخشى ئەمەس
مۇھەممەد نىياز ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم ئۇستاز مۇھەممەد غازالى « مۇسۇلماننىڭ ئەخلاقى» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغا: «نامراتلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى بىر يېتەرسىزلىك بولۇپ، ئۇ ئىنسانغا چاپلاشسا ئۇنى چوقۇم قىيناپ قويىدۇ. ئاللاھ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ھۆرمەتلىك ئورۇندىن چۈشۈرۈپ قويىدۇ. كىيىملىرى يىرتىق، بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغىلى قوپقان ياكى يالاڭ ئاياق ئوشۇق ۋە بارماقلىرى يېرىلغان ياكى ئاچلىقتىن يېمەكلىكلەرگە تەلمۈرگەن، يوقسۇللۇقتىن چارىسىز قالغان كىشىنى كۆرۈش ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ. مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق ھالەتنى كۆرۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىگەن ئادەمنى ھەقىقىي مەنىدىكى ئادەم دېيىشكە زادى بولمايدۇ. ئۇنى مۇسۇلمان دېگىلى تېخىمۇ بولمايدۇ. پۈتۈن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئورتاق رىشتە ۋە چوڭقۇر مۇناسىۋەت مەۋجۇد. بۇنى نامراتلىق ۋەيران قىلماسلىقى لازىم. ئادەم مۇشۇنداق جايدا سىنىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مۇشۇنداق ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشتىن بىرىنى كۆرگەن. ئۇنىڭغا قاراۋېرىش تەس كەلگەنلىكتىن مۇسۇلمانلارنى يىغىپ نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇلارغا ئىنسانلارنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىرىنى ئەسلىتىپ، ئاللاھ ۋە ئاخىرەت كۈنىدىن ئاگاھلاندۇرغان. نەتىجىدە يوقسۇللارنىڭ ھاجىتىدىن چىققۇدەك نەرسە كېرەك يىغىلغان».
ئىنسان تەبىئىتى
مۇھەممەد نىياز ھاجىم مۇنداق دېدى:
"ئىنسان ئەزەلدىن مال - دۇنيانى سۆيۈش، تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش، باشقىلاردىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن قاتتىق قىزىقىش، شەخسىيەتچىلىك تەبىئىتى بىلەن يارىتىلغان مەخلۇقاتتۇر. ئۇنىڭغا يەر يۈزىنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرى بېرىلگەن تەقدىردىمۇ يەنىلا كۆپرەكىنى تىلەيدۇ. شۇڭا دۇنيادىكى پۈتۈن دىنلار ۋە قانۇنلار ئىنسانلارغا پىداكارلىقنى، خەير - ساخاۋەتنى ۋە ياردەمسۆيەرلىكنى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ. قۇرئان كەرىمدە: «كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر» دەپ كەلگەن. بانكا، بىخەتەرلىك ساندۇقى قاتارلىق جايلاردا قويۇلغان پۇل - مالدا يوقسۇللار ۋە ئاجىزلارنىڭ ھەققى باردۇر. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەققى ئادا قىلىنمىغاندا، ئۇ مال ئىگىسىگە نىسبەتەن، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ زور خەتەرلىك نەرسىگە ئايلىنىپ خۇددى ئادەملەرنى چېقىش ئۈچۈن كاتىكىدە كۈتۈپ تۇرغان يىلانغا ئوخشاپ قالىدۇ. بىر ھەدىستە:« بەندە مال - دۇنيا دەيدۇ. ئۇنىڭ مېلى ئۈچ خىل بولىدۇ: يېگىنى چىرىپ تۈگەيدۇ، كەيگىنى كونىراپ تۈگەيدۇ، باشقىلارغا ياردەم قىلغىنى ئەسقاتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقىسى باشقىلارغا مىراس بولۇپ قالىدۇ» دەپ كەلگەن."
سېخىيلىقنىڭ بايلىققا زىيىنى يوق
بەزىدە ئىنساننىڭ خىيالىغا سېخىيلىق بايلىقنى قۇرۇتۇپ نامراتلىققا يۈزلەندۈرىدۇ، خاتىرجەم تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دېگەن قاراش كېلىدۇ. بۇ شەيتاننىڭ پەس، چاكىنا ئادەملەرنىڭ كۆڭلىگە سالىدىغان ۋەسۋەسىسى بەس. ئەمەلىيەتتە بولسا، سېخىيلىق باياشاتلىقنىڭ يولى، مەردلىك مال - دۇنيا كۆپىيىشىنىڭ ۋاسىتىسىدۇر.( توختى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- قەشقەردىكى مەكتەپلەر مەيخانا كوچىسىنى تاقاشنى پىكىر قىلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بىر يەر ئاستى چېركاۋىغا ساقچىلار بېسىپ كىردى
- خىتاي دىنىي ساھەگە قاراتقان بېسىمىنى يەنىمۇ كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنى كومپارتىيە سىياسىتىگە بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا
- ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خېرىدارلارنىڭ "ھاراق ئېچىشىنى چەكلىگەن" ئاشخانىلار جازالىنىدۇ
- ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەج ئۆمىكى، مەككىگە قاراپ يولغا چىقتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سىياسىي ھەركەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە









