ئۇيغۇر ئېلىدە تۈرلۈك گېئو خارابىلىقىدىن 40 نەچچىسى بايقالدى


2007.06.14

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 14 ‏- ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتە بەرگەن ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇر ئىلى ئەسلى خەلقئارالىق گېئولوگىيىلىك باغچا قىلىشقا تامامەن ئۇيغۇن بولسىمۇ ، بىراق بۇ زىمىندىكى گېئو خارابىلىرى كىشىلەرنىڭ قاتتىق ۋەيران قىلىشىغا ئۇچرىغاندىن سىرت، 40 يىلدىن بۇيان ھۆكۈمەتنىڭ سەل قارىشى نەتىجىسىدە ئازلاپ كەتكەن.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە، گۇچۇڭ ناھىيىسىنىڭ ياغاچ دىنوزاۋر دۆلەت گېئولوگىيىلىك باغچىسى، ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ مۇزتاغ مۇزلۇقى، خىتاي بۇيىچە داڭلىق سايرام كۆلى ۋە خىتاي بۇيىچە ئەڭ چوڭ لاي- لاتقا ۋولقىنى توپى شىخو لاي - لاتقا ۋولقىنى، 80 نەچچە خىل كان مەھسۇلاتى چىقىدىغان كۆكتوقاي ناھىيىسىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان كۆكتوقاي مېتال كان يايمىسى قاتارلىق گېئو بايلىقلىرى مەۋجۈت.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئاپتونوم رايونلۇق دۆلەت زېمىن بايلىقى تارماقلىرى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى شىخو لاي - لاتقا ۋولقىنى توپى، مۇزتاغ مۇزلۇقى قاتارلىق 11 گېئو خارابىلىقىنى دۆلەت دەرىجىلىك گېئولوگىيىلىك باغچا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلىدىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.