بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشلەشكە ئەۋەتمەكتە


2006.11.14

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم ئوچۇق ‏- ئاشكارا ھالدا 25 نەپەر خىتاي ئوقۇتقۇچىسىنى ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئىشلەشكە ئەۋەتكەن ھەمدە ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ ئىشلەيدىغان بۇ خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرىگە بىر قېتىمدىلا 10000 يۈەندىن قوشۇمچە ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بېيجىڭ شەھەرلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى "گەرچە ئۇيغۇر ئېلىگە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش خىزمىتى 2004 ‏- يىلىدىن باشلىنىپ، بۇ يىل 3 ‏- يىلى بولسىمۇ، بۇ قېتىم بىز ئىلگىرىكى رايون، سان چەكلىمىسىدىن بۆسۈپ چىقىپ، تۇنجى قېتىم جەمئىيەتتىن ئوچۇق ‏- ئاشكارا قوبۇل قىلىشنى باشلىدۇق. يەنى "ھەرقانداق ئوقۇتقۇچى ئۆز مەيلى بويىچە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ" دېگەن بەلگىلىمىنى چىقاردۇق" دەپ بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن بېرىلگەن مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىدىغان بۇ ئوقۇتقۇچىلار مەزكۇر رايوندا ئىشلەش جەريانىدا، مەيلى مائاش جەھەتتە بولسۇن ياكى باشقا تەمىنات جەھەتتە بولسۇن ئۆزى ئىشلىگەن مەكتەپتىكى باشقا ئوقۇتقۇچىلارغا ئوخشاش قارىلىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئۇلار ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆز يۇرتىغا بېرىپ تۇتقان يوقلاش پۇرسىتىگە ئىگە ئىكەن.

مەلۇماتتا يەنە، ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياش -چەكلىمىسى ئەرلەر 55 ياشتىن تۆۋەن، ئاياللار 50 ياشتىن تۆۋەن بولۇشى كېرەك دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر ئېلىگە بارغاندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخ، جۇغراپىيە، سىياسەت ۋە تولۇق ئوتتۇرىنىڭ تىل ‏- ئەدەبىياتى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتىدىكەن.

ئۇيغۇر مائارىپچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ خىتاي تىلى سەۋىيىسىنى باھانە قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئوقۇتقۇچىلارنى مائارىپ سېپىدىن يىراقلاشتۇرىۋاتقانلىقىدەك قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.