خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى "مۇشتۇمزور ساقچىلار" نىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىكى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى


2005.02.04

5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 8 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، جۈمە كۈنى مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى " مۇغتۇمزور ساقچىلار" نىڭ غۇلجا ۋەقەسىدىكى جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، غۇلجا ۋەقەسىدە يۈزلىگەن- مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، يارىلانغانلىقىنى شۇنداقلا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاياق يېگەنلىكى ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئاز دىگەندە ئىككى كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. كەچۈرۈم تەشكىلاتى، "مۇشۇ ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن قانچىلىك كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس،" دەپ كۆرسەتتى. خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۈستىدىن ھازىرغىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى ئادىل بىر تەرەپ قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

"خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى كىشىلىك ھوقۇقنى ھۆرمەت قىلىش ۋە قوغداشنى ئاساسى قانۇنغا كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي تەرەپنىڭ سەمىمىيىتى جىددى گۇمان تۇغدۇرماقتا،" دەپ تەكىتلىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاخىرىدا مۇنداق دەيدۇ: " كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋەقەدە ئۆلگەنلەر ، يارىلانغانلار شۇنداقلا تۈرمىگە تاشلانغانلارنىڭ مەسىلىسىنى مەسئۇلىيەتچانلىق، ئوچۇق - ئاشكارە ۋە ئادىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىدۇ."

5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى 1997 -يىلى يۈز بەرگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنى مىللىي بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئۇرۇش، چېقىش ۋە بۇلاش ۋەقەسى، دەپ ئېلان قىلغان. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ۋەقەنى دىنىي ئەركىنلىكنى تەلەپ قىلىش ھەرىكىتى، دەپ خاتىرىلىمەكتە. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.