ئىلى ئوبلاستىدا قوراللىق ساقچى ھەم ھەربىي قىسىملىرى " ئولىمپىك" جەڭ تەييارلىقىغا ئۆتتى

ئىلى ئوبلاستىنىڭ خەۋەر تورىنىڭ سەيشەنبىدىكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 25 - ئىيۇل كۈنى ئىلى ئوبلاستى چاپچال ناھىيىسىنىڭ خەلق مەيدانىدا ئولىمپىكنى قارشى ئېلىش نامىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008-07-29
Share

 بۇ مانېۋىرغا ئىلى ئوبلاستىدىكى قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ھەم چېگرا قوغداش قىسمىنىڭ ئوفىتسېر، ئەسكەرلىرى قاتناشقان بولۇپ، ئۇلار مانېۋىر داۋامىدا ئاپشاركىلار بىلەنمۇ ماھارەت كۆرسەتكەن.

مانېۋىرغا قاتناشقان ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى، بېيجىڭ ئولىمپىكى جەريانىدا ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ساقچى ھەم ھەربىي قىسىملارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئېغىرلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇ كۈنى يەنە غۇلجا شەھەرلىك جامائەت خەۋەپسىزلىك دائىرىلىرى ئولىمپىك بىخەتەرلىكى تەييارلىق يىغىنى ئاچقان بولۇپ، يىغىندا شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى جاۋ باۋخۇا " قوراللىق بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئۆز ئىچىمىزدە ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەرلىك ھەم مەخپىيەتلىكنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئولىمپىكتىن ئىبارەت بۇ جەڭدە چوقۇم يېڭىپ چىقىشىمىز كېرەك،" دەپ يوليورۇق بەرگەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئىلى ئوبلاستى ساقچى دائىرىلىرى، ئولىمپىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش، تۇيۇقسىز يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرىكەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسىدا ئىلى تەۋەسىدە ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىنكاسلارغا قارىغاندا، تۇتقۇن قىلىش ئوبيېكتى ئاساسەن 1997 - يىلىدىكى ئىلى ۋەقەسى جەريانىدا قولغا ئېلىنىپ قويۇپ بېرىلگەن ھەم ئىلگىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈش تارىخى بولغان،سىياسىي جەھەتتىن ساقچى دائىرىلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغان ئۇيغۇر ياشلىرى بولماقتا ئىكەن.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت