ساقچىلار غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدا جىددىي خاراكتېرلىق ئۆي ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغان
2008.04.02
تۈنۈگۈن رادىئومىزغا كەلگەن بىر ئىنكاستا، غۇلجا شەھىرىنىڭ يېڭىيەر يېزىسىدا ساقچىلارنىڭ 4 ئائىلىنىڭ قورو جايىدا جىددىي خاراكتېرلىق ئاختۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئاختۇرۇشتا ساقچىلارنىڭ مېتال تەكشۈرۈش ئاپاراتى قوللانغانلىقىنى ۋە يېزىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى.
بۈگۈن مۇخبىرىمىز يېڭىيەر يېزىلىق ساقچى پونكىتىدىن ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، پونكىت باشلىقى يېزىدا ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى، ئەمما تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىن رۇخسەت ئېلىپ ئاندىن مەلۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىرىمىز غۇلجا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنى زىيارەت قىلغىنىدا، مەلۇم بىر مەسئۇل خادىم، يېڭىيەردىكى ئوي ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىم، سەزگۈر ۋە مەخپىي ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىيالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر خادىم يەنە، ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئەمەلدارلارلىرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئىجرا قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭمۇ ۋەقەدىن خەۋىرى بارلىقىنى بىلدۈردى. مۇخبىرىمىز يېڭىيەر يېزىسىدىكى بىر بىر ئائىلىگە تېلېفون قىلغىنىدا، بۇ ئائىلىدىكىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ئاختۇرۇش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، 10دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي ھۆكۈمىتى خوتەندە 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئېتىراپ قىلدى
- ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى شرود براۋن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئارىلىشىشقا چاقىردى
- ياۋروپا پارلامېنت ئەزالىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوللاش ھەققىدە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلدى
- نورۋېگىيىدە تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى بۇيىچە يىغىن ئېچىلدى
- د ئۇ ق خىتاينىڭ ئىككى قۇرۇلتىيىنى مىللەتلەرنىڭ "ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى" مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىردى
- خىتاي بىلەن ھىندىستان " قولمۇ - قول 2007 " ناملىق تېررورلۇققا قارشى ھەربىي مەشق ئۆتكۈزمەكتە
- نىگرىپونتى: خىتاي شىنجاڭ مەسىلىسىگە ئوخشاش سەزگۈر تېمىلاردا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن قورقماسلىقى كېرەك
- ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار مەسىلسىنى ئوتتۇرىغا قويدى
- خىتاي جامائەت خەۋىپسىزلىك مىنىستىرلىقى يېڭى بىر قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى باشلىماقچى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى









