كۇبانىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدىكى ئامېرىكا تۇتقۇنلار لاگىرىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئالبانىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان گۈەنتانامو تۇتقۇنى ئادىل ئابدۇلھېكىم، ئالدىنقى كۈنى شۋېتسىيە دائىرىلىرىدىن رەسمىي سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان "خۇنتىڭتون پوچتا گېزىتى"نىڭ ئەسكەرتىشىچە، شۋېتسىيىدە چاقىرىلغان بىر كىشىلىك ھوقۇقى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالبانىيىدىن كەلگەن ئادىل ئابدۇلھېكىم، شۋېتسىيە دائىرىلىرىگە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەسمىي تاپشۇرغان.
نۆۋەتتە ئادىل ئابدۇلھېكىم بىلەن بىللە گۇئانتانامودىن ئالبانىيىگە يولغا سېلىنغان قالغان 4 نەپەر ئۇيغۇر داۋاملىق ئالبانىيىدە ياشىماقتا. ئادىل ئابدۇلھېكىمنىڭ خېلسىنكى كىشىلىك ھوقۇقى كومىتېتى شۋېتسىيىدە چاقىرغان كىشىلىك ھوقۇقى يىغىنىغا قاتنىشىش پۇرسىتى، ئۇنىڭغا شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئاچىسى بىلەن 8 يىلدىن كېيىن تۇنجى قېتىم جەم بولۇش پۇرسىتى ياراتقان ئىدى. "خۇنتىڭتون پوچتا گېزىتى"، ئالبانىيىدىكى تۇرمۇش ئادىل ئابدۇلھېكىم قاتارلىق بەش نەپەر مۇساپىرغا تىل قىيىنچىلىقى يارىتىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ كىلەچىكىگە ئىشەنچ بېغىشلىيالمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بولسا بۇ كىشىلەرنىڭ يەرلىك تىلى، ئۆرپ - ئادىتى بىلەن ناتونۇش، ئۇيغۇر جامائىتى بولمىغان بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ،ئۇلارنى گېرمانىيە ياكى شىمالىي ياۋروپادىكى نوپۇس سانى كۆپ بولمىسىمۇ ئۇيغۇر جامائىتى بار، شۋېتسىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ئاقىلانە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
لېكىن شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئادىلنىڭ ئىلتىماسىغا ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئەگەر ئادىلنىڭ ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنسا، بۇ ئالبانىيىدە قالغان باشقا مۇساپىرلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن 3 - بىر دۆلەتكە بېرىپ پاناھلىق تىلەش يولىنى ئېچىشى مۇمكىن. (ئەركىن)