ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ساقچى دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا ئۈرۈمچىگە قاراپ كېتىۋاتقان ئۇزۇن يوللۇق يولۇچىلار ئاپتوبۇسىنى گۆرۈگە ئالغان بىر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جاڭ باۋگو ئىسىملىك بۇ كىشى چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كىيىن، غۇلجا ئەتراپىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا ماي قاچىلاۋاتقان بىر ئۇزۇن يوللۇق ئاپتوبۇسقا چىققان ھەمدە يېنىدىكى پارتلاتقۇچ دورا بىلەن ئاپتوبۇسنى پارتلىتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سېلىپ، ئاپتوبۇسنى گۆرۈگە ئېلىشقا ئۇرۇنغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا يىتىپ كېلىپ، ئۇنى نىيىتىدىن يېنىشقا دەۋەت قىلغان. بىراق ئۇ يېنىدىكى پارتلاتقۇچنى ياندۇرغان بولۇپ، بۇنى كۆرگەن ساقچىلار ئۇنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، ئاپتوبۇسقا ئوت كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مەزكۇر يولۇچىلار ئاپتوبۇسىدا قانچە ئادەم بارلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
جاۋنىڭ ئاپتوبۇسنى گۆرۈگە ئېلىشتا نېمە مەقسىتى بارلىقى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىراق شىنخۇئا ئاگېنتلىقى دەسلەپكى ئېنىقلاشلارغا قارىغاندا، ۋەقەنىڭ ئائىلە ئىختىلاپى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى بۇ يىل 1 - ئايدا مايتاغدا ئاپتوبۇس پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 11 ئادەمنىڭ ئۆلۈشى، يەتتە ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. خىتاي ساقچىلىرى دەسلەپتە ۋەقەنى ئېنىقلىماي تۇرۇپلا، ئۇنى ئۇيغۇر "بۆلگۈنچىلىرى" نىڭ پائالىيەتلىرىگە باغلىغان ئىدى. بىراق كېيىن ،ۋەقەنىڭ ئۆز تۇرمۇش شارائىتىدىن نارازى بولغان بىر خىتاي ئىشچىسى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغانلىقى ئاشكارىلانغان. (ئارزۇ)