بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە قوي گۆشى باھاسى ئالاھىدە ئۆرلەپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا قېيىنچىلىقلار تۇغدۇرماقتا.
خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھەر كىلوگرام گۆشنىڭ باھاسى 22 يۈەندىن ئارتۇق ئۆرلەپ، بۇلتۇرقىدىن %20 كە يېقىن ئۆسكەنلىكىنى، بۇ سەۋەبلىك شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەۋاتقان كالا ، قوي گۆشى مىقدارىنى كونترول قىلىش، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىن كالا ھەمدە قوي گۆشى يۆتكەپ ئۈرۈمچى بازىرىنى تەمىنلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خەۋەردە يەنە، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون كالا ۋە قوي گۆشى زاپىسى ئارقىلىق شەھەر بازارلىرىنى تەمىنلەش، گۆش بازىرىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش ، بازارنىڭ نورمال تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇشتەك قىلمىشلارنى تۈزەش ئالاھىدە تەكىتلەنگەندىن سىرت ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ گۆش بازىرىنى تەرتىپكە سېلىشنىڭ نۆۋەتتە مۇھىم بىر خىزمەتكە ئايلانغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كىتىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر ، بۇ خىل ھادىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مونوپول شىركەتلىرىنىڭ پىلانسىز مال يۆتكىشى ھەمدە پايدىنى قوغلىشىپ مۇلازىمەتنى قالايمىقانلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە . قوي ۋە كالا گۆشى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئىستىمال قىلىدىغان كۈندىلىك مۇھىم يىمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر تائاملىرىدا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى، كىرىمى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالاھىدە تۆۋەن بولغان ئۇيغۇر ئىستىمالچىلارنىڭ گۆش يىيەلمەسلىك قېيىنچىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپلا قالماي، رېستوران مۇلازىمىتى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان نۇرغۇن ئۇيغۇرلارغا ئىقتىسادى زەربە ئېلىپ كەلمەكتە. (ئەقىدە)