نيۇبرىج كاپىتال گۇرۇھى گۇاڭخۈينىڭ 200 مىليون دوللار پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى


2006.05.22

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدىكى مەبلەغ سېلىش گۇرۇھى بولغان نيۇبرىج كاپىتال چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى شىنجاڭ گۇاڭخۈي گۇرۇھى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، گۇاڭخۈي گۇرۇھىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز قۇرۇلۇشىغا 200 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىش ۋە 67 % پاي چېكىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلدى.

Wall Street Journal گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىم بويىچە نيۇبرىج كاپىتال گۇرۇھى دەسلەپكى قەدەمدە 33 مىليون 800 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، گۇاڭخۈي سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز قۇرۇلۇشىنىڭ 99.24 % پاي چېكىنى سېتىۋالىدۇ ۋە كېيىنكى قەدەمدە 169 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىپ، مەزكۇر قۇرۇلۇشتىكى پاي چېكى ھەسسىسىنى 67 % گە چىقىرىدىكەن.

گۇاڭخۈي گۇرۇھى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تۇيۇقسىز باش كۆتەرگەن ۋە تېز باي بولغان خۇسۇسى شىركەت. گۇاڭخۈي گۇرۇھىنىڭ خوجايىنى سۈن گۇاڭشىڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن بىلەن ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋىتى بار . خۇسۇسى شىركەتلەرنىڭ ھۇل سېلىش مۇراسىملىرىغا ئىشتىراك قىلىش خىتايدا كومپارتىيە رەھبەرلىرى كۆپ ئادەتلەنمىگەن ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن ئىلگىرى گۇاڭخۈي گۇرۇھى پىچاندا سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھۇل سېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە ۋاڭ لېچۈەن تۇرپانغا بېرىپ ھۇل سېلىش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلغان.

گۇاڭخۈي سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبئىي گاز قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش پىلانى ھازىرغىچە بىر ئامېرىكا خۇسۇسىي مەبلەغ شىىركىتىنىڭ خىتايدا تەبئىي گاز سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر خۇسۇسىي شىركەتكە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.