خىتاي ھۆكۈمىتى گۇئانتانومودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئامېرىكا بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى

گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەربىي سوتتا كۆرۈلۈشكە باشلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، خىتاي رەھبەرلىرى ئامېرىكا رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلەر ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى .

شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسى كوندولىزا رايسنىڭ ياردەمچىسى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆھبەتلەشكەن .

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لى جاۋشىڭ ۋە ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەۋجۇت ھەمكارلقىنى تېخىمۇ كۆپەيتىش توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان .

سۆھبەت جەريانىدا لى جاۋشىڭ ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيە ئىدارىسى قانۇنلىرى دائىرىسى ئىچىدە بىرتەرەپ قىلىش توغرىسىدا خىتاينىڭ كۆز قارشى ھەققىدە ئامېرىكا تەرەپكە مەلۇمات بەرگەن .

گەرچە شىنخۋا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ، گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئانالىزچىلار لى جاۋشىڭ نىڭ ئۆتكەن ھەپتە گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ ھەربىي سوتتا سوتقا تارتىلىشقا باشلىنىشنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا مىللىي بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسىگە تېلېفون قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ، گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مەزكۇر تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مۇھىم تېمىسى بولغان بولۇشى مۇمكىن دېيىشمەكتە .(قانات)