كولىن پاۋىل ئامېرىكىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2004-08-12
Share
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى كولىن پاۋىل

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پائول (Colin L. Powell) پەيشەنبە كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ مەخسوس زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۇەنتانامو بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ سۆزىدە: " گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئىنتايىن مۇرەككەپ بىر مەسىلە. بىز گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان بارلىق مەھبۇسلارنىڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلمايدۇ. بىز ئۇلارنى قۇبۇل قىلىدىغان ئۈچۈنجى دۆلەت تېپىشقا تىرىشىۋاتىمىز. ئۇلارنى قۇبۇل قىلىش ئىھتىماللىقى بولغان پۈتۈن دۆلەتلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز" دىدى.

كۇبادىكى ئامېرىكىنىڭ گۈەنتانامو بازىسىدا ئافغانىستاندا تۇتۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى بۇ ئۇيغۇرلارنى، " خاتا جايدا، خاتا ۋاقىتتا تۇتۇلغانلار" دەپ كۆرسەتكەن.(ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت