خىتاي مۇتەخەسسىسلەر، گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلار ئادىل سوتلىناتتى دىدى


2004.08.16

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋەل، ئامېرىكىنىڭ گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتايدىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي قوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت قانۇن سىستەمىسىنى ئاقلاپ ، ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ ئادىل سوتلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلاتتى دەپ كۆرسەتتى.

خىتاي ھەربىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى سۇن دانگەن، خىتايدا چىقىدىغان “ قانۇنچىلىق كەچلىك گېزىتى”گە بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ قانۇن سىستېمىسى تەرەققى قىلغان، شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى مۇشۇ قانۇنلار بويىچە سوتلىناتتى دەپ تەكىتلىگەن.

سۇن دانگەن، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىگە قارشى ھەمكارلىق ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. كولىن پوۋەل، ئامېرىكىنىڭ گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئەۋەتىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. سۇن دانگەن، خىتاي بىلەن دىپلوماتىچ مۇناسىۋىتى بار دۆلەتلەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قوبۇل قىلمايدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گۇۋانتانامودىكى 600 دەك تۇتقۇننىڭ 22 نەپىرى ئۇيغۇر. كولىن پوۋەل، 4 كۈننىڭ ئالدىدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى بىلەن ۋاشىڭتوندىكى ياپونىيىلىك مۇخبىرلارنى قوبۇل قىلىپ ، گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. خىتايلار ھازىرغىچە گۇۋانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇۋېلىشقا تىرىشىپ، ئامېرىكا دائىرىلىرى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاينى تېررورىزمغا قارشى ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلماسلىققا كۆپ قېتىم ئاگاھلاندۇرغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.