خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن گۈەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلدى


2004.09.09

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ، كۇبادىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى قايتا تەلەپ قىلدى. ھەمدە ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلارغا قوش ئۆلچەم قوللانماسلىققا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى كۇڭچۈەن باياناتىدا، "بىز ئامېرىكا بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتىمىز. ئامېرىكىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللانماسلىقىنى سورايمىز. ئۇلار تېررورىستلار، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.

كۇبانىڭ گۈەنتانامو ئارىلىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ئافغانىستانغا تۇتۇلغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى ئۇلارنى"خاتا جايدا ۋە خاتا ۋاقىتتا تۇتۇلغانلار" دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پائول ئۆتكەن ئايدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىمىزنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گۈەنتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى، ئۇلارنى ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.