ئامېرىكا ھۆكۈمىتى گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا


2004.10.28

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى ھەربىي لاگىرىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەھبۇسلىرىنى ئۈچۈنچى بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلماقتا.

ئەنگىلىيە پۇل- مۇئامىلە ۋاقتى گېزىتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىرىنچى تۈركۈمدە گىرمانىيە، شىۋىتسارىيە، فىنلاندىيە ۋە نورۋىگىيە بىلەن گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. بىراق، ئۇلار بۇ دۆلەتلەردىن ئىجابىي جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا نۆۋەتتە ئىتالىيە، فرانسىيە، ئاۋىستريە ۋە تۈركىيە بىلەن ئافغانىستاندا تۇتۇلغان بۇ ئۇيغۇرلارنى قۇبۇل قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۆئەنتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋېل ئىلگىرى گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى پەيشەنبە كۈنى رادىئويىمىز مۇخبىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ گۈئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.