خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ گۇئانتانامو بازىسىدىكى 22 نەپەر ئۇيغۇر ئەسىرنى قايتۇرۇپ بېرىشنى يەنە تەلەپ قىلدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە تېررورچىلىق جىنايىتى بىلەن سوتلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، ئامېرىكىنى گۈئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئىھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى روچارد بوچېرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى تېزرەك قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئەسىرلەرنى 3 - بىر دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا، تۇتقۇنلار خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلسە جازالانمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى جاڭ چىيۆ، " شەرقىي تۈركىستان تېررورچىلىرى خەلقئارا تېررورلۇق كۈچلەرنىڭ بىر قىسىمى، ئۇلار جوڭگو ۋە ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە ئېغىر تەھدىت " دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكىنى خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىققا، شۇنداقلا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمىنى چىقىش قىلىشقا چاقىرغان جاڭ چىيۆ، ئامېرىكىنىڭ "مەسىلىسىنى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ھەل قىلىپ، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ھەمكارلىقنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغان ئىش قىلماسلىقى كېرەك " لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتاينى تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ۋە سىياسى ھوقۇقىنى ئاياق ئاستى قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن. (ئەركىن)