گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلار سوتقا تارتىلدى


2004.11.08

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۈچ كىشىلىك ھەربىي سوت گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان 550 نەپەر ئەتراپىدىكى مەھبۇسنىڭ دىلوسىنى كۆرۈشكە باشلىدى . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە سوتقا تارتىلغان مەھبۇسلار ئارىسىدا ئىككى ئۇيغۇرمۇ بار ئىكەن .

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە سوتقا تارتىلغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرى سوتچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بىرىپ مۇنداق دىگەن: "بىز ئۇيغۇرلار خىتايدىن مۇستەقىللىقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىمىز. خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىش، ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئەزاسى دېگەنلىك ئەمەس.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 33 ياشتىكى بىر پۇتى كېسىلگەن بۇ ئۇيغۇر ياش سوتتىكى سۆزىدە يەنە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي بېسىمىدىن قىچىپ ئافغانىستاندا پاناھلانغانلقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىگەن" " مىنىڭ دۇنيادا خىتايدىن باشقا ھېچقانداق دۈشمىنىم يوق. مەن ئامېرىكىغا قارشى ئەمەس ئەكسىنچە ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن ".

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سوتلانغان ئۇيغۇرلار سوتنىڭ ئۇلارنى ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئەزاسى دەپ ئەيىبلىشىگە قارشى چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئەزاسى ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت يوق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن . ئۇ شۇنداقلا سوتچىلاردىن ئەگەر قوللىرىدا ئۇنىڭ ئەلقائىدە ئەزاسى ئىكەنلىكى توغرىسىدا بىرەر پاكىت بولسا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەربىي سوت ئۆتكەن ھەپتە سوتلانغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن دۈشمەن جەڭچىلەر بولۇپ ، بولمىغانلىقى ھەققىدە بىر ئاي ئىچىدە ھۆكۈم چىقىرىدىكەن . (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.